شىۋىتسىيە باش مىنىستىرى: «تۈركىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئەمەل قىلىمىز»

شىۋىتسىيە باش مىنىستىرى ماگدالېنا ئاندېرسون تۈركىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ۋە تېرورچىلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1851303
شىۋىتسىيە باش مىنىستىرى: «تۈركىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئەمەل قىلىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماگدالېنا ئاندېرسون ئەلمەدەلېن سىياسەت مۇنبىرىدە قىلغان سۆزىدە، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئىچكى مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ۋە تېررورچىلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىمىز» دېدى.

ئاندېرسون تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە ئارىلاشمىغانلارنىڭ ئەنسىرىمەسلىكى كېرەكلىكىنى  بىلدۈرۈپ: «شىۋىتسىيە پۇقراسى بولغانلار دۆلەت قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇنغا بىنائەن ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەيدۇ. ئەگەر تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشمىغان بولسىڭىز، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئاندېرسون شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش جەريانى توغرىسىدا تۈركىيە بىلەن ئالدىنقى ھەپتە ئىسپانىيەدىكى ناتو رەھبەرلىرى يىغىنىدىن ئىلگىرى ئىمزالانغان ئۈچ تەرەپ شەرتنامىسىدا، تۈركىيەگە چوڭ يول قويۇشلار بولغانلىقى ۋە ئاممىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغانلىقىغا دائىر سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر