شىرناكتا 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

شىرناكنىڭ بەيتۇششەباب ناھىيەسى يېزىلىرىدا باشلانغان «ئەرەن قورشاۋى 17 – ھەربىي ھەرىكىتى»  جەريانىدا 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

1851358
شىرناكتا 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، «شىرناكنىڭ بەيتۇششەباب يېزىلىرىدا 2022 - يىلى 4 – ئىيۇلدا، ژاندارما ئالاھىدە ھەرىكەت قوماندانلىقى، ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابى، بەيتۇششەباب ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابى پولك قوماندانلىقى ۋە ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق بىخەتەرلىكنى قوغداش ئەترىتى تەرىپىدىن باشلانغان شۇنداقلا <J-SİHA> ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىمۇ قاتناشقان  <ئەرەن قورشاۋى 17 – ھەربىي ھەرىكىتى>  دائىرىسىدە، ئىككى نەپەر بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى  M-16 تىپلىق 2 قورالى ۋە ئوق-دورالىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇجۇقتۇرۇلدى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر