خوڭكوڭ دېڭىزىدا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن خىتاي پاراخوتىدىكى 26 خادىمدىن تېخىچە خەۋەر يوق

خوڭكوڭ دېڭىزىدا تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن خىتاي بايراقلىق كىران ۋە قۇرۇلۇش مۇلازىمەت پاراخوتىدىكى خادىملاردىن يەنە بىر كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1851536
خوڭكوڭ دېڭىزىدا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن خىتاي پاراخوتىدىكى 26 خادىمدىن تېخىچە خەۋەر يوق

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «CCTV» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئەتىگەندە يەنە بىر كىشىنى قۇتقازغان،  شۇنىڭ بىلەن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 4  كىشىگە يەتكەن.

پاراخوتتىكى 30 خادىمنىڭ 26 سىدىن تېخىچە ھېچقانداق خەۋەر يوقلۇقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي بايرىقى ئېسىلغان «فۇجىڭ 1001» ناملىق كران پاراخوتى تەيفېڭ بورىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كۈچلۈك شامال ۋە دولقۇنلار سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئىدى.

خوڭكوڭ ئۇچۇش مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، 4 ئايروپىلان ۋە 6 تىك ئۇچاردىن تەركىب تاپقان 36 كىشىلىك قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ 1300 كىلومىتىرلىق دائىرىدە ئىزدەش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سائەتلىك سۈرئىتى 144 كىلومىتىرغا يېتىدىغان قاتتىق شاماللىق چابا تەيفېڭ بورىنى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى قېيىنلاشتۇرماقتا.

ئۇچۇش مۇلازىمەت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى ۋېست ۋۇ ۋاي تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا: «27 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەن ۋاقتىنى نەزەردە تۇتقاندا، تەجرىبىمىزگە ئاساسەن، ئۇلارنى تېپىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى تۆۋەن دېيەلەيمەن. ھېچ بولمىغاندا ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى تاپالىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەمما بۇ بىر مۆجىزە بولىدۇ» دېگەن ئىدى.

چابا تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن خىتاي ۋە خوڭكوڭنىڭ دېڭىز ساھىلىرىدا ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر