خىتايغا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى بەرگەن رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىس دوختۇرخانىدا ئۆلدى

خىتايغا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سانلىق مەلۇماتلارنى بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن راك كېسىلى بىلەن داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدىن نازارەتكە ئېلىنغان رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىس دىمىترىي كولكېر ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1851502
خىتايغا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى بەرگەن رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىس دوختۇرخانىدا ئۆلدى
casus yazilim.jpg
pegasus casus yazilim.jpg
iran-casus.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىزىكا ۋە ماتېماتىكا پەنلىرى دوكتورى دىمىترىي كولكېر ئالدىنقى ھەپتە 4 - باسقۇچلۇق راك كېسىلى سەۋەبىدىن رۇسىيەنىڭ نوۋوسىبىرسك دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى.

كولكېر خىتايغا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سانلىق مەلۇماتلارنى بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

رۇسىيەلىك مۇتەخىسسىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كولكېرنىڭ ئەھۋالى ناچارلىشىپ، قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

54 ياشلىق دىمىترىي كولكېرغا 12 يىلدىن 20 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىش تەلەپ قىلىنماقتا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر