ھىندىستاندا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 42 گە يەتتى

ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مانىپۇر ئۆلكىسىدە 30 - ئىيۇندا يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 42 گە يەتتى.

1851382
ھىندىستاندا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 42 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلار ئۆلكىنىڭ نونېي رايونى تۇپۇل تۆمۈر يول قۇرۇلۇش مەيدانىدا يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدىن بۇيان 20 كىشىنىڭ ھازىرمۇ ئىز - دېرىكى يوقلىقىنى ئېيتتى. ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ بەشىنچى كۈنىدە، ئاپەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارسانىنىڭ 37 دىن 42 كە كۆپەيگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار سولومون فىماتې، «قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا، ھازىرغا قەدەر 18 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ھايات بولۇشىدىن ئۈمىد يوق» دېدى.

ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن 24 نەپىرىنىڭ رايونلۇق ئارمىيە (TA) نىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكى، 13 ئەسكەر ۋە 5 پۇقرانىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

قاتتىق يامغۇر ۋە رايوندىكى يەرنىڭ قىڭغىر بولىشى سەۋەبىدىن ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ قىيىنلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مانىپۇر ئۆلكىسى باش مىنىستىرى نوڭتومبام بىرەن سىنگ ئاپەتكە قارىتا: «ئۆلكىدە كۆرۈلگەن ئەڭ ئېغىر ئاپەت» دەپ باھا بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر