دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشى قازا قىلدى

دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندا بىر سودا سارايغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشى قازا قىلىپ، يەنە نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

1851323
دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوپېنھاگېن ساقچى باياناتچىسى سورېن توماس پايتەختنىڭ ئاماگېر رايونىدىكى بىر سودا سارايدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە بەزى يارىدارلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سورېن توماس ھۇجۇمدىن كېيىن بىر گۇماندارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى، بۇ كىشىنىڭ 22 ياشلىق ۋە دانىيەلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ تېرورلۇق ھۇجۇمى بولۇش مۇمكىنچىلىكىنىمۇ چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

سورېن توماس ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەپ،  ھۇجۇمچىنىڭ بىرلا كىشى ئىكەنلىكى ئېنىقلانمىغۇچە رايوندا يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر