پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئىمران خان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئىمران خان پۇل پاخاللىقى، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆرلىشى، توكنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ۋە دۆلەتتىكى سىياسىي مۇقىمسىزلىق سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1851144
پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئىمران خان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، سابىق باش مىنىستىر ۋە پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئىمران خاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدىن پايتەخت ئىسلامئابادقا قاراپ يۈرۈش باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىمران خان ئىسلامئابادنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى ھەربىي پارات رايونىدا ئۆزىنى ساقلاۋاتقان قوللىغۇچىلىرىغا خىتاب قىلدى. بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قارىتىپ، «ئىمپورت قىلىنغان باشقۇرۇشنى ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ»  دېدى ۋە مۇددەتتىن ئىلگىرى سايلام ئۆتكۈزۈشنىڭ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىمران خان شاھباز شەرىف ۋە بۇتتو ئائىلىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا «قۇل» دەپ باھا بەردى. دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا مەزكۈر ئائىلىلەرنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،  ئامېرىكانىڭ سۇيىقەست ئارقىلىق ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى ۋە ئورنىغا مەزكۇر ئائىلىلەرنى دۆلەتكە تاڭغانلىقىنى بىلدۈردى. يەنە بىر تەرەپتىن، ساقچىلار نامايىش رايونىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا قورال ئېلىپ كەلگەن بىر كىشىنى نازارەتكە ئالدى.

پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىمران خاننىڭ ئىسلامئابادتىكى نامايىشىنى دۆلەتنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە قۇرۇلغان چوڭ ئېكرانلار ئارقىلىق كۆردى.

پاكىستاندا ئۈچ نۆۋەت باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ناۋاز شەرىفنىڭ ئىنىسى شاھباز شەرىف 11 - ئاپرېلدا پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا 174 بېلەت بىلەن مۇتلەق كۆپ سانلىقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، باش مىنىستىرلىككە سايلانغان ئىدى.

پاكىستان پارلامېنتىدا 10 - ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىشەنچ سايلىمى نەتىجىسىدە 174 بېلەتكە ئېرىشەلمىگەن ئىمران خاننىڭ ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر