ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈرىيەدە سادىر قىلىنىۋاتقان جىنايى قىلمىشلارنى ئەيىبلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، سۈرىيەدە ئاساسلىقى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنايى قىلىمىشلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1850992
ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈرىيەدە سادىر قىلىنىۋاتقان جىنايى قىلمىشلارنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ ئىشخانىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدا سۈرىيەدە تەخمىنەن 307،000 پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى توقۇنۇشلاردا نۇرغۇن پۇقرانىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ جىنايەتلەرنىڭ سادىر قىلىنىشىنى ئەڭ كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ. قىيناش ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ جىنايەتلەرنىڭ ئاساسلىقى سۈرىيە ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى تەرىپىدىن سادىر قىلىندى» دېدى.

دوكلاتنىڭ سۈرىيەدە توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقا، ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، «توقۇنۇش باشلانغاندىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىق قىلىپ كەلمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

«ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈرىيە خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، سۈرىيەنىڭ بىرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلگەن باياناتتا، كىرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارىدا بېكىتىلگەن يول خەرىتىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر