پۇتىن ئۇكرائىنادىن ئاشلىق چىقىرىشنى توسمىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئاشلىق بازىرىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تىراگېدىيەگە ئۆزگەرمەسلىكى ئۈچۈن مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

1850593
پۇتىن ئۇكرائىنادىن ئاشلىق چىقىرىشنى توسمىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن موسكۋاغا زىيارەتكە كەلگەن ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ كۆرۈشۈشنىڭ ئاخباراتقا ئوچۇق قىسمىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۇنيا ئاشلىق كىرىزىسى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ئامېرىكا باسقان پۇلى بىلەن ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ: «بۇ ئەھۋال تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىنى يامانلاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئاشلىق كىرىزىسى تىراگېدىيەگە ئۆزگەرمەسلىكى ئۈچۈن مۇھىم تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇشى كېرەك» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىن ئاشلىقنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلىمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى پورتلارنىڭ كىرىش ئېغىزىغا مېنا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ مېنالارنىڭ تازىلىنىشىنى ۋە ئۇ يەرلەردىن ئاشلىق چىقىرىشنى ھېكىم توسمايدۇ. بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنادىن ئاشلىقنىڭ رۇمېنىيە، پولشا، بېلارۇسىيە ۋە ئازاق دېڭىزىدىكى پورتلار ئارقلىق ئېكسپورت قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ب د ت ۋەكىللىرى بىلەن مەزكۇر مەسىلىدە قويۇق ئالاقە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ دۇنيادا 800 مىليون توننا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «رۇسىيە ئۆتكەن يىلى (2021) دۇنيادىكى بازارلارنى 40 مىليون توننا ئاشلىق بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىل (2022) 50 مىليون توننا ئاشلىق بىلەن تەمىنلەيمىز» دېدى.

ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى ۋىدودو 24-فېۋرال باشلانغان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ دۇنيادىكى ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيەدىن يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى، ئۇكرائىنادىن ئاشلىق ئېكسپورتى بولماي تۇرۇپ، دۇنيادا يېمەك-ئىچمەك ئېكسپورتىنى قايتىدىن باشلاش مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

ۋىدودو تەرەققىي تاپقان يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىدىن يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئوغۇتقا قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر