ماگدالېنا ئاندېرسون تۈركىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ يۈز پىرسەنت ئارقىسىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ماگدالېنا ئاندېرسون، دۆلىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ تولۇق ئارقىسىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1850529
ماگدالېنا ئاندېرسون تۈركىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ يۈز پىرسەنت ئارقىسىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماگدالېنا ئاندېرسون SVD گېزىتىگە بايانات بېرىپ، شىۋېتسىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن تۈزۈلگەن (شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا قوبۇل قىلىنىشى توغرىسىدىكى) كېلىشىمنىڭ تولۇق ئارقىسىدا تۇرىدىغانلىقى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ (شىۋېتسىيەدىكى تېررورچىلارنىڭ) قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «ئەلۋەتتە، كېلىشىمدە يېزىلغان ئىشلار ئىجرا قىلىنىدۇ. تۈركىيە ئىلگىرى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بىزمۇ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلگەنىدۇق. بەزىدە بەزىلەرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانمۇ بولدۇق، كۆپىنچە ئۇنداق بولمىدى، بىز (بۇ قېتىمقى) كېلىشىمنىڭ يۈز پىرسەنت ئارقىسىدا تۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر