لاۋروۋ: ناتونىڭ ھەرىكەتلىرىدىن ئېغىر ئەندىشە ھېس قىلىمىز

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ: «ناتونىڭ چېگرالىرىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى، بولۇپمۇ بالتىق دۆلەتلىرى ۋە پولشادىكى ھەرىكەتلىرىدىن ئېغىر ئەندىشە ھېس قىلىمىز» دېدى.

1850542
لاۋروۋ: ناتونىڭ ھەرىكەتلىرىدىن ئېغىر ئەندىشە ھېس قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇ رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، بېلارۇسىيە پايتەختى مىنسكنى زىيارەت قىلدى.

ئۇ بېلارۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋلادىمىر ماكېي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ: «ناتونىڭ چېگرالىرىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى، بولۇپمۇ بالتىق دۆلەتلىرى ۋە پولشادىكى ھەرىكەتلىرىدىن ئېغىر ئەندىشە ھېس قىلىمىز. بىزنىڭ ئورتاق قارىشىمىز شۇكى، بۇ خىل ھەرىكەتلەر ئەمەلىيەتتە ئوچۇق-ئاشكارا قارشىلىشىش بولۇپ، ياۋروپا خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدە يىرىكچىلىكنىڭ تېخىمۇ ئېشىشىنى ۋە پارچىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېدى.

ئۇ بۇنىڭ، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ئىتتىپاقى تەشكىلاتى 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ۋە 2010-يىلدا ئېلان قىلغان «خەۋپسىزلىكنىڭ پارچىلانماسلىق پىرىنسىپى» نى بۇزغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «غەرب شۇنداق قىلىپ، <ھېچقانداق دۆلەت ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقىلارنى خەتەرگە ئىتتىرىش بەدىلىگە كۈچلەندۈرمەسلىكى كېرەك> دېگەن پىرىنسىپنى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى بىلەن بۇزۇپ تاشلىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر