ھىندىستاننىڭ مانىپۇر ئىشتاتىدا تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مانىپۇر ئىشتاتىدا تۈنۈگۈن (30-ئىيۇن) يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 16 گە يەتتى.

1850615
ھىندىستاننىڭ مانىپۇر ئىشتاتىدا تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مانىپۇر ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 16 گە يەتتى.

دائىرىلەر بۇ ئىشتاتنىڭ نونېي رايونىدىكى تۇپۇل تۆمۈر يول قۇرۇلۇش مەيدانىدا يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدىن كېيىن، 70 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى.

ئارىلاپ-ئارىلاپ يامغۇر يېغىۋاتقان رايون ئاھالىلىرىدىن بىخەتەر رايونلارغا كۆچۈشى تەلەپ قىلىندى.

مانىپۇر ئىشتاتىنىڭ باش مىنىستىرى نوڭتومبام بىرېن سىنگى جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يەتتىسىنىڭ ھەربىي خادىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر