چېخىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى

چېخىيە بۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى (2022-يىلى 1-ئىيۇل) فىرانسىيەدىن ئۆتكۈزۈۋالدى.

1850657
چېخىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چېخىيە بۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى فىرانسىيەدىن ئۆتكۈزۈۋالغان چېخىيەنىڭ ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان خىزمەتلىرىنىڭ ئارىسىدا، 24-فېۋرالدىن (2022) تارتىپ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراۋاتقان ئۇكرائىنانى قوللاش، بۇ دۆلەتكە تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ياردەم قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قاتارلىقلار بار.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئۇكرائىنانى نۇرغۇن قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىگەن دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان چېخىيە، ئۇكرائىنانىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشىغىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدۇ.

چېخىيە كۈنسېرى ئۆرلەۋاتقان ئېنېرگىيە باھاسىغا قارشى ھەم پۇل پاخاللىقى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېنېرگىيە بېقىندىلىقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. يېشىل ئېنېرگىيەگە ئۆتۈشتىن باشقا، دىجىتاللىشىش، ئىنتېرنېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئالەم بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ.

چېخىيە نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تۇنجى قېتىم 2009-يىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا تاپشۇرۇۋالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر