چىپراس: گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى ناتو باشلىقلار يىغىنىدا ئېغىر دىپلوماتىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى

گىرېتسىيەدىكى ناملىق ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ رەھبىرى ئالېكىس چىپراس، گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ناتو باشلىقلار يىغىنىدىكى تاشقى سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1850905
چىپراس: گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى ناتو باشلىقلار يىغىنىدا ئېغىر دىپلوماتىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەدىكى <رادىكال سولچىلار ئىتتىپاقى> ناملىق ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ رەھبىرى ئالېكىس چىپراس، گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار يىغىنىدىكى تاشقى سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ تولۇق قوللاپ – قۇۋۋەتلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئالېكىس چىپراس گىرېتسىيە OPEN تېلېۋىزىيەسىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا، گىرېتسىيەنىڭ مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنىدىكى دىپلوماتىيە سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ تۈركىيەگە F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىش مەسىلىسىگە تۇتقان ئىجابىي پوزىتسىيەسىنىڭمۇ مىچوتاكس ھۆكۈمىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا: «باشلىقلار يىغىنىدا كۆرگەنلىرىمىز بىزنى ئەندىشىگە سېلىشى كېرەك. مەسىلە يالغۇز F-16 لارنىڭ سېتىلىشى مەسىلىسى ئەمەس، تۈركىيەنى ئومۇميۈزلۈك قوللاش مەسىلىسى» دېدى.

باشلىقلار ئۇچرىشىشى ۋە تۈركىيەنىڭ ئەگە دېڭىزىدىكى ساياھەت پائالىيىتىدە ئىشلىتىۋاتقان «TurkAegean» ئېنىقلىمىسىنىڭ ياۋروپا تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنىشى توغرىسىدا توختالغان چىپراس، «بىز ئېچىنىشلىق دىپلوماتىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدۇق. ئەگەر مەن باش مىنىستىر بولۇپ، بۇ ئىشلار يۈز بەرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە «TurkAegean» ئېنىقلىمىسىنىڭ تۈركىيە تەرىپىدىن ئېلان ماركىسى سۈپىتىدە تىزىملىتىلغان بولسا، مەن مادرىدتىن پىيادە قايتىپ كەلگەن بولاتتىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر