زېلېنىسكىي: 144 ئەسكىرىمىزنى رۇسلارنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇردۇق

ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە ئەسىرگە ئېلىۋالغان 144 ئەسكەرنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1850170
زېلېنىسكىي: 144 ئەسكىرىمىزنى رۇسلارنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇر تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ «ئۈمىدۋارلىق بېغىشلايدىغان مۇھىم بىر ئۇچۇر»نى ئورتاقلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «144 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنى رۇسىيەنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇردۇق. بۇلارنىڭ ئىچىدە 59 نەپەر دۆلەت مۇھاپىزەتچىسى، 30 نەپەر دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكىرى، 17 نەپەر چېگرا مۇھاپىزەتچىسى، توققۇز نەپەر تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىسىملىرى ئەسكىرى ۋە بىر ساقچى بار» دېدى.

قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئەسكەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ 65 ياش، ئەڭ كىچىكىنىڭ 19 ياش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئۇكرائىنا رەھبىرى زېلېنسكىي: «بولۇپمۇ 95 ئازوۋتسال قوغدىغۇچىسى يۇرتىغا قايتىدۇ. بىز ھەر بىر ئۇكرائىنالىقنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىستىخبارات بۆلۈمى، تۈنۈگۈن ئۇرۇش باشلانغان 24-فېۋرالدىن بۇيانقى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى، بۇ دائىرىدە 95 ى ئازوۋتسال زاۋۇتىدىكى ئەسكەرلەر بولۇپ جەمئىي 144 نەپەر ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ تاپشۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر