پۇتىن كەينىگە داجىشقا باشلىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشەلەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1850085
پۇتىن كەينىگە داجىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن تۈركمەنىستاننىڭ ساھىبخانلىقىدا پايتەخت ئاشىابادتا ئېچىلغان 6-قېتىملىق ھازار دېڭىزى دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ۋە ئارقىدىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىدا، ناتوغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن نامزاتلىقى قوبۇل قىلىنغان شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيەگە بولغان قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇ شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە بىلەن ئارىلىرىدا مەسىلە يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ: «بىزنىڭ زېمىن ئىختىلاپلىرىمىز ياكى كېلىشەلمەيدىغان مەسىلىلىرىمىز يوق. شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىدىن ئەندىشەلەنمەيمىز» دېدى.

ئەمما ئۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئىلگىرى ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ھېچقانداق خەتەر يوق ئىدى. مانا ئەمدى ئۇ يەرلەردە ھەربىي قىسىملار ۋە ھەربىي ئۇل-ئەسلىھەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلسا، بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشكە ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى ئۈچۈن ئوخشاش تەھدىت شەكىللەندۈرۈشكە مەجبۇر بولىمىز. بۇ ئېنىق بولىدىغان ئىش. ئۇلار بۇنى ياخشى بىلىشى لازىم» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنا بىلەن ئوتتۇرىدا ئىختىلاپ پەيدا بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ئىش پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەدە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان مەسىلە يوق. بۇ پۈتۈنلەي باشقىچە ئەھۋال. شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە خالىسا ناتوغا قېتىلسا بولىدۇ.»

ئۇ ناتونىڭ «سوغۇق ئۇرۇشنىڭ قالدۇقى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ناتو، ئامېرىكاغا تاشقى سىياسىتىنىڭ بىر ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتىدە، <سۈنئىي ھەمراھلىرى> نى ئۆزىنىڭ بۇيرۇقى ئاستىدا تۇتۇش ئۈچۈن لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر