ناتو ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتايغا قارشى ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىدۇ

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئىتتىپاقنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1850019
ناتو ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتايغا قارشى ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئىسپانىيە پايتەىتى مادرىدتا ئېچىلغان ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ يىغىننىڭ تۈنۈگۈنكى (29-ئىيۇن) قىسمىدا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى شېرىك دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا رايوندا يادرو قوراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «خىتاي ۋەكىللىك قىلغان سىناقلارنى ياخشى بىلىشىمىز كېرەك. ناتو ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا، مۇداپىئە، يېڭى تېخنولوگىيەلەر، خەۋپسىزلىك ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ساھەلىرىدە ئۆزئارا ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ، يىغىندا ئۇكرائىناغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ياردەم قىلىش پىلان-لايىھەسىنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، مولدوۋا ۋە گىرۇزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە رۇسىيەگە قارشى ياردەم قىلىشنى داۋام قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ناتونىڭ جەنۇبتىكى قانىتىدىن كەلگەن تەھدىتلەرگە قارشى ئىنكاس قايتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى، ماۋرىتانىيە ئۈچۈن بىر ئالدىنى ئېلىش پىلان-لايىھەسىنى تەستىقلىغانلىقلىرىنى ۋە شىمالىي ئافرىقادىن كېلىۋاتقان كۆچ دولقۇنىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر