بايدىن ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە F-16 سېتىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ۋاشىنگتوننىڭ تۈركىيەگە F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىنى ئالالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1850428
بايدىن ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە F-16 سېتىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

پىرېزىدېنت جو بايدىن، تۈركىيەگە F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ۋەدە بەرگەن -بەرمىگەنلىكى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا، «مېنىڭ ئۇنىڭغا (جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا) دېگەنلىرىم، دېكابىردا ئېيتقانلىرىم بىلەن ئوخشاش. (تۈركىيەگە) F-16 لارنى سېتىپ بېرىشىمىز، شۇنداقلا ئايروپىلانلارنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. بۇنى قىلماسلىق بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە ماس كەلمەيدۇ. مەن دېكابىردىن بۇيان مەيدانىمنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىمنى، بۇنىڭ بىر بەدىلىنىڭ بولۇشىنىڭ شەرت ئەمەسلىكىنى، بىزنىڭ ئۇنى سېتىپ بېرىشىمىز كېرەكلىكىنى دېدىم. بۇنى قىلىش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق نەرسەم، دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقى. بۇ تەستىقنى ئالالايمىز، دەپ قارايمەن» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر