شولز شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى توغرىسىدىكى كېلىشىمگە يۇقىرى باھا بەردى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا قوبۇل قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنى قىزغىن قارشى ئالدى.

1849786
شولز شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى توغرىسىدىكى كېلىشىمگە يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر شولز ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش. ھەر ئىككى دۆلەت ئىتتىپاقداشلىقىمىزغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ» دېدى.

ئۇ، ئۇكرائىناغا ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىقتىسادىي ياردەملەر بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ كۆپ قورال-ياراغ يەتكۈزۈپ بېرىشكە ۋەدە قىلىپ، «ئۇكرائىنا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان قوراللار دەرھال تەييارلىنىدۇ. ئۇكرائىنانىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلالىشى ئۈچۈن، بۇ ئىشنى ئەھۋالغا قاراپ ئۇزۇنغىچە كۈچلۈك شەكىلدە داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

 گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كرىستىنې لامبرېخت بولسا، دۆلىتىنىڭ ئۇكرائىنانى ئۈچ دانە ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتلىنىدىغان خوۋىتزېر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، گېرمانىيەنىڭ 15000 ئەسكەر بىلەن ناتونىڭ يۇقىرى تەييارلىق كۈچىنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.

گېرمانىيە ئارمىيەسى ھازىرغىچە 40 كىلومېتىر مەنزىللىك ئېغىر تىپتىكى زەمبىرەكتىن يەتتىنى ئۇكرائىناغا يەتكۈزۈپ بەردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر