سىرى لانكاندا  500 دىن ئارتۇق مەھبۇس تۈرمىدىن قاچتى

500 دىن ئارتۇق مەھبۇس سىرى لانكانىڭ داۋالاپ ئۆزگەرتىش تۈرمىسىدىن قېچىپ كەتتى.

1849878
سىرى لانكاندا  500 دىن ئارتۇق مەھبۇس تۈرمىدىن قاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى ئىدارىسى مەسئۇللىرى مەھبۇسلارنىڭ پايتەخت كولومبونىڭ شەرقىي شىمالىغا 250 كىلومېتىر كېلىدىغان كانداكادۇدىكى زەھەرلىك چېكىملىككە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەر بىلەن قامالغان مەھبۇسلارنىڭ داۋالاپ ئۆزگەرتىش تۈرمىسىدىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالاقىدار مەسئۇللار داۋالاپ ئۆزگەرتىش تۈرمىسىدە تەخمىنەن 1000 مەھبۇسنىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ۋە مەركەزدىن قېچىپ چىققان 500 دىن ئارتۇق مەھبۇسنى تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىرى لانكادا تەخمىنەن 300 مىڭ كىشىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ​​بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى ھەمبەھىرلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر