پۇتىن ئافغانىستان مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن تاجىكستاننى زىيارەت قىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئافغانىستاندا بارلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىگە قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

1849571
پۇتىن ئافغانىستان مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن تاجىكستاننى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى باشلانغان 24ـ فېۋرالدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق چەت ئەل زىيارىتىنى تاجىكستاندىن باشلىدى. ئۇ پايتەخت دۈشەنبىدە تاجكستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمان بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ كۆرۈشۈشنىڭ ئاخباراتقا ئوچۇق قىسمىدا بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە-تاجىكستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى ۋە ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ ئېشىشىدا يىلنىڭ دەسلەپكى 4-3 ئېيىدا «رېكورت» سەۋىيە يارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «ئافغانىستاندا ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. ۋەزىيەتنى كونترول قىلغان كۈچلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىمىز. بارلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئافغانىستان ھاكىمىيىتىگە قاتنىشىشى كېرەك، دەپ قارايمىز. بۇ توغرىدىكى تىرىشچانلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ ئافغانىستاندىكى بارلىق سىياسىي كۈچلەر بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، ئافغانىستان ھەيئىتىنىڭ ئىيۇن ئېيىنىڭ (2022) بېشىدا پېتېرسبۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىغا قاتناشقانلىقىنى خاتىرىلەتتى.

تاجىكستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمان رۇسىيەنىڭ تاجىكستاننىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سودا ۋە ئىقتىسادىي شېرىكى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «يىلنىڭ دەسلەپكى بەش ئېيىدا ئۆزئارا سودا ھەجىمى %50 ئاشتى. رايونلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقلار تەرەققىي قىىلۋاتىدۇ. رۇسىيەدىكى 80 دىن ئارتۇق رايوننىڭ تاجىكستان بىلەن سودا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىرى بار. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقلار داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، پۇتىن بىلەن ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر