ناتو باشلىقلار يىغىنىدا، خىتاي ۋە رۇسىيەگە قارشى مۇھىم قارارلار چىقىرىلىدۇ

ناتو باشلىقلار يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى كوللېكتىپ رەسىمگە چۈشتى.

1849870
ناتو باشلىقلار يىغىنىدا، خىتاي ۋە رۇسىيەگە قارشى مۇھىم قارارلار چىقىرىلىدۇ
nato liderler zirvesi1.jpg
nato liderler zirvesi2.jpg
nato liderler zirvesi aile fotografi.jpg
nato liderler zirvesi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن رەسىمگە چۈشۈش جەريانىدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن بىرلىكتە رەسىمگە چۈشتى.

ئىككى رەھبەر ئارقىدىن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇزۇنغىچە سۆھبەتلەشتى.

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئۇكرائىنا تېمىلىق يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا، يىغىندا رۇسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەر قائىدە-پىرىنسىپلارغا تايانغان تەرتىپكە قارشى چىققان ۋە كۈچلۈك رىقابەتكە تولغان دۇنيادا، ناتونى كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇھىم قارارلارنىڭ چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ناتونىڭ ھەرىكەت پىلانى خۇسۇسىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئۇقۇم ھۆججىتىنىڭ يېڭى نۇسخىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، ئىتتىپاقنىڭ مۇداپىئەسىنى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىدىغانلىقلىرىنى، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ تەكلىپ قىلىنىشى بىلەن ناتونىڭ ئىشىكىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنىڭ نامايان قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ رەھبەرلەرگە خىتاب قىلىپ نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇكرائىنا ئۈچۈن ياردەم پىلاننىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ناتو باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلغان ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز: «بىز ئالىدىغان قارارلار كەلگۈسى 10 يىللىق ئىقتىدارىمىزنى ۋە مەنبەلىرىمىزدىن پايدىلىنىشىمىزنى بەلگىلەيدۇ. دۇنيا بىزگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ. ھەممە كىشىگە ئىتتىپاقلىقىمىزنى ۋە باراۋەرلىكىمىزنى، كۈتكەن ئۈمىدكە جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز» دېدى.

ئۇ: «شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر