گ7 رەھبەرلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى سودا سارايغا قىلغان ھۇجۇمىغا «ئۇرۇش جىنايىتى» دەپ باھا بەردى

گ7 (ئەڭ تەرەققىي تاپقان 7 ئىقتىسادىي گەۋدە) رەھبەرلىرى ئۇكرائىنانىڭ كرېمېنچۇك شەھىرىدىكى بىر سودا سارايغا، رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ، «ئۇرۇش جىنايىتى» دەپ باھا بەردى.

1848994
گ7 رەھبەرلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى سودا سارايغا قىلغان ھۇجۇمىغا «ئۇرۇش جىنايىتى» دەپ باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە داۋاملىشىۋاتقان گ7 رەھبەرلىرى يىغىنىدا، رەھبەرلەر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ سودا سارايغا قىلىنغان قەبىھ ھۇجۇمنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «بۇ ۋەھشىيانە ھۇجۇمنىڭ بىگۇناھ قۇربانلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە ئۇكرائىنانىڭ يېنىدا بولىمىز. بىگۇناھ پۇقرالارغا ئايرىپ ئولتۇرماستىن قىلىنغان بۇ ھۇجۇم ئۇرۇش جىنايىتىدۇر. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە مەسئۇللار جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ» دېيىلدى.

رەھبەرلەر ئۇكرائىناغا ئىقتىسادىي، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ھەربىي ياردەم بېرىشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «رۇسىيە ئۇكرائىناغا قارشى رەھىمسىز ۋە مەنىسىز ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرمىغۇچە جىم تۇرمايمىز» دېدى.

ئۇكرائىنانىڭ كرېمېنچۇك شەھىرىدىكى بىر سودا مەركىزىگە رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى چۈشۈشى نەتىجىسىدە، 16 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، 59 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر