پاكىستان ھىندىستانغا نارازىلىق بىلدۈردى
پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھىندىستاننىڭ 2023 - يىللىق گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى يىغىنىنى جاممۇ كەشمىردە ئۆتكۈزۈش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھىندىستان تاراتقۇلىرىدا يېڭى دېھلى دائىرىلىرىنىڭ گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى يىغىنىنى جاممۇ كەشمىردە ئۆتكۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا بەزى خەۋەرلەرنىڭ چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، جاممۇ كەشمىرنىڭ خەلقئارادا پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشلىق رايون دەپ تەرىپلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ھىندىستاننىڭ بۇ خىل تەشەببۇسىنىڭ رەت قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
رايوننىڭ 1947 - يىلدىن بۇيان «ھىندىستاننىڭ مەجبۇرىي ۋە قانۇنسىز ئىشغالىيىتى» ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە، جاممۇ كەشمىر مۇنازىرىسىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كۈن تەرتىپىدە تۇرىۋاتقىنىغا 70 يىلدىن ئاشقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى يىغىنلىرىنىڭ جاممۇ كەشمىردە پىلانلىنىشىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدىغان كۈلكىلىك ئەھۋال ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
«NDTV» قانىلىنىڭ خەۋىرىدە، يېڭى دېھلى دائىرىلىرىنىڭ 2023 - يىللىق گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى يىغىنىنى جاممۇ كەشمىردە ئېچىشنى پىلانلىغانلىقى ۋە ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا زۆرۈر بولغان تەييارلىقلارنى قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.