ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 12 مىليون ئۇكرائىنالىق ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغان 24 - فېۋرالدىن بۇيان 12 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلدى.

1848020
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 12 مىليون ئۇكرائىنالىق ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك تەشكىلاتنىڭ نيۇ-يوركتىكى باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «بۈگۈن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغىنىغا تۆت ئاي بولدى. ب د ت ئۇكرائىنا كىرىزىسى ماسلاشتۇرغۇچىسى ئەمىن ئەۋۋاد، بۇ ئۇرۇشنىڭ 12 مىليوندىن ئارتۇق ئۇكرائىنالىقنى ئۆي – ماكانلىرىدىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى، بۇ ئىشقا ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېدى.

ب د ت نىڭ ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى شۇنداقلا رايوندىكى 300 دىن ئارتۇق پۇقراۋى تەشكىلات بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن دۇجارىك، ھازىرغىچە 9 مىليون كىشىنىڭ ھەر خىل ياردەمگە ئېرىشكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «بىز ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونلىرىدىكى جىددىي ياردەمگە موھتاج پۇقرالارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش توغرىسىدىكى چاقىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر