ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىر بالىنى ئېتىپ يارىلاندۇرۇپ نازارەت ئاستىغا ئالدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىننىڭ غەربىي قىرغاق رايونىدا بىر پەلەستىنلىك بالىنى راست ئوق بىلەن ئېتىپ يارىلاندۇرغاندىن كېيىن نازارەت ئاستىغا ئالدى.

1848069
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىر بالىنى ئېتىپ يارىلاندۇرۇپ نازارەت ئاستىغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىنتىكى مەھەللىي سەھىيە مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربىي قىرغاقنىڭ راماللاھ شەھىرىگە قاراشلىق سىلۋاد بازىرىدا 14 ياشلىق مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئەسساھىرنى راست ئوق ئېتىپ يارىلاندۇرغاندىن كېيىن نازارەت ئاستىغا ئالغان.

ئىگىلىنىشىچە، ساھىرنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولغاچقا، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن غەربىي قىرغاقتىكى ھەداسە ئەيىن كەرىم دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ بالنىستقا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر