ئالتۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، «ئەلجەزىرە» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلدى.

1848116
ئالتۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، «ئەلجەزىرە» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى گىرېتسىيەنىڭ ئەگە دېڭىزىدا تاشلىغان قەدەملىرى پەيدا قىلغان جىددىيچىلىكلەرگە تارتتى.

ماقالىسىدە، گىرېتسىيەنىڭ يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئەگە دېڭىزىدا قۇترىتىش ماھىيىتىدىكى ھېچكىمگە پايدىسى تەگمەيدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئالتۇن، بۇ فىلىمنىڭ ئوخشىمىغان ۋارىيانتلىرىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ كۆرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

گىرېتسىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا زىت شەكىلدە ئاقىلانە بولمىغان دەۋالارنى قىلىپ ياكى خەلقئارا سەھنىلەردە تۈركىيەگە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش،  بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق پات – پاتلا جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئالتۇن، «قوشنىمىزدىكى بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئىستراتېگىيەلىك مەغلۇبىيەتلەردىن يىراقلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدە سىياسىي قوللاشقا ئېرىشىش مەقسىتىدە تۈركىيەنى تەييار نىشان قىلىپ كۆرسىتىشتەك ناچارئادەتلىرى بار. قوشنىمىزغا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتودىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا بۇ تاكتىكىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىستراتېگىيەلىك مەغلۇبىيەتلەرگە مەھكۇم ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىمىز. ئەگە دېڭىزىدا ئىزچىل سۈركىلىش پەيدا قىلىشنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوق. بۇ سۈركىلىشنىڭ بەدىلى كۈشكۈرتكۈچى تەرەپكە نىسبەتەن بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  

بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارىتا يولغا قويغان مەسئۇلىيەتسىزلەرچە سىياسەتلىرىنىڭ گىرېتسىيەنىڭ پەرۋاسىزلارچە ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىشى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئالتۇن، تۈرك خەلقىنى ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، قىبرىسنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا قىلىشنىڭ ۋە تۈركىيەنى شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇش ئۈچۈن گىرېتسىيەگە ئىلھام بېرىشنىڭ، ياۋروپا پايتەختلىرىنىڭ ئۈزۈل – كېسىل چارىلەرنى تېپىشنىڭ ئورنىغا ھەل قىلىش قىيىن مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىشىنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىنىڭ بىر ئۈلگىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«گىرېتسىيەنىڭ تۈركىيەگە قارشى مەسئۇلىيەتسىزلەرچە سادىر قىلغان شۇنچە كۆپ ھەرىكەتلىرىگە قارىماي، تۈركىيە دىپلوماتىيە ۋە سۆھبەت ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن چارىلەرنى ياقلاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئالتۇن، بەدىلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تۈركىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر