سامار دېڭىزىنىڭ يەتتە كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقىدىن پاراخوت قالدۇقلىرى تېپىلدى

فىلىپپىننىڭ سامار دېڭىزى تەۋەلىكىدىن تېپىلغان ئامېرىكا پاراخوتى قالدۇقلىرىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭقۇر جايدىن تېپىلغان پاراخوت قالدۇقى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1848125
سامار دېڭىزىنىڭ يەتتە كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقىدىن پاراخوت قالدۇقلىرى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: BBC نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە «USS Samuel B Roberts» ناملىق پاراخوت ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فىلىپپىننىڭ سامار دېڭىزى تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتكەن.

دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 7 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتىن تېپىلغان قالدۇقلار تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭقۇر جايدىن تېپىلغان پاراخوت قالدۇقى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەلىرى ئۆزئارا ئېتىشقان سامار ئۇرۇشىدا تالاپەتكە ئۇچرىغان پاراخوتنىڭ گەۋدە قىسمىدا زەمبىرەك ۋە ئوق ئىزلىرى بار ئىكەن.

سامۇئىل B روبېرتس 224 كىشى بىلەن بىرلىكتە چۆكۈپ كەتكەنىكەن بولۇپ،  ئۇلاردىن 120 كىشى 50 سائەت بويىچە قۇتقۇزۇش كېمىلىرىنى قۇچاقلاپ تۇرۇش ئارقىلىق ھايات قېلىشقا مۇۋەپپەق بولغانىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر