باڭلادېشتىكى سۇ ئاپەتلىرىدە قازا قىلغانلار سانى 73 كە يەتتى

باڭلادېشتا ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ھۆل – يېغىن پەيدا قىلغان سۇ ئاپىتىدە يەنە بەش ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن جەمئىي قازا قىلغانلار سانىنىڭ 73 كە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1848068
باڭلادېشتىكى سۇ ئاپەتلىرىدە قازا قىلغانلار سانى 73 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سۇرما دەرياسى قىرغىقىغا جايلاشقان سىلخەت شەھىرى سۇ ئاپىتىنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ بىرى. سىلخەت شەھرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى مۇھەممەد موجىبۇرراھمان، ئالاقە لىنىيەلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ۋە قاتناشنىڭ قىيىن بولۇشى سەۋەبىدىن رايونغا ياردەم يەتكۈزۈش خىزمەتلىرىنىڭ راۋان بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، سىلخەتكە 1400 توننا گۈرۈچ، 13 مىڭ بولاق قۇرۇق يېمەكلىك ياردىمى بىلەن تەخمىنەن 3 مىليون دوللار نەق پۇل ياردىمى ئاجرىتىلغانلىقىنى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياردەملەرنىڭ كەلكۈننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان باشقا شەھەرلەرگىمۇ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر