شولز گېرمانىيەنىڭ بالقان دۆلەتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز، دۆلىتىنىڭ غەربىي بالقاندىكى ئالتە دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1847974
شولز گېرمانىيەنىڭ بالقان دۆلەتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئولاف شولز بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا بايانات بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش قارىشىغا ئالتە بالقان دۆلىتىنىڭ ياۋروپا يولىدا تېز ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى، گېرمانىيەنىڭ ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بىر يول. شۇڭا بۇ رايوندىكى پۇقرالار ۋە دۆلەتلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ تېز شۇنداقلا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى چىقىشى كېرەك. بىزنىڭ بۇ ئالتە دۆلەتنىڭ ئەزا بولۇش ئېھتىماللىقىنى قوللاش ئىرادىمىز قەتئىي. بۇ دۆلەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىدە گېرمانىيەگە ئىشەنسە بولىدۇ» دېدى.

شولز يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەتنىڭ مولداۋىيە بىلەن ئۇكرائىناغا «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى كاندىداتلىق سالاھىيىتى» بېرىشىگە چوڭ قەدەم دەپ باھا بەردى.

شىمالىي ماكېدونىيە، قاراتاغ، سېربىيە، ئالبانىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ۋە كوسوۋو ئۇزۇندىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر