باڭلادېشتا سۇ ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
باڭلادېشتا قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 68 گە يەتتى.
1847618
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، باڭلادېشنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان سىلخېت رايونىدا 46، شىمالىي ۋە ئوتتۇرا مىمېنشىڭ رايونىدا 18، شىمالىي راڭپۇر رايونىدا 4 ئادەم قازا قىلغان.
مەزكۇر رايونلاردا يېقىنقى 3 كۈن ئىچىدە داۋاملاشقان كەلكۈن ئاپەتلىرى سەۋەبىدىن، 4 مىڭدىن ئارتۇق كىشى سۇدىن يۇقۇملىنىپ تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان.
ئاپەت رايونلىرىدا ئىنسانىي تىراگېدىيەمۇ ئوتتۇرىغا چىققان.
يېمەك - ئىچمەك ۋە ئىچىملىك سۈيى تارقىتىش پائالىيەتلىرىگە ئارمىيە مەنسۇپلىرىمۇ قاتناشقان.
پەقەت سىلخېت رايونىدىلا 56 مىڭ گېكتارلىق شال ئېتىزلىرىغا زىيان سالغان كەلكۈن ئاپىتىدە، باشقا رايونلاردىكى دېھقانچىلىق رايونلىرىمۇ زىيانغا ئۇچرىغان.