ئىران سوت مەھكىمىسى ئامېرىكانى 4 مىليارد 300 مىليون دوللار تۆلەمگە ھۆكۈم قىلدى
ئىراندا بىر تۈركۈم يادرو مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە قارىتا سوتقا ئەرز سۇنۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا 4 مىليارد 300 مىليون دوللار تۆلەمگە ھۆكۈم قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى (ISNA) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران ئەدلىيە دىۋانى كىشىلىك ھوقۇق بۆلۈمى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن يادرو مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا قارشى سۇنغان ئەرزى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
باياناتتا: «تېھران 55-خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلتۈرۈلگەن بىر قىسىم يادرو مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ سۇنغان ئەرزىگە بىنائەن تۇرغۇزۇلغان دېلودا، سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈش جىنايىتى سادىر قىلغان ئىسرائىلىيەنى خەلقئارا مەجبۇرىيىتىگە خىلاپ ھالدا قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 4 مىليارد 300 مىليون دوللار ماددىي ۋە مەنىۋى تۆلەمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سوتنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قارشى قانۇنىي ئۆچ ئېلىش دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا يەنە، ئامېرىكا سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ئىرانغا قارشى ھۆكۈملەرنى چىقارغانلىقى ھەمدە تېھران ھۆكۈمىتىنى ۋە بىر قىسىم دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن تەشكىلاتلىرىنى يوق يېرىدە سوتلاپ، تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، ئىران دۆلىتىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىران سوت مەھكىمىلىرىنىڭمۇ ئامېرىكا دۆلىتى ۋە ئەمەلدارلىرىغا قارشى ھەر خىل ھەق تەلەپ دېلوسى ئاچقانلىقى ئەسكەرتىلدى.