مىلوراد دودىك ئەردوغاننىڭ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ ئىچكى يارىشىشى قارىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ سېرىب ئەزاسى مىلوراد دودىك، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ ئىچكى يارىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قارىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1847355
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دودىك سېربىيە جۇمھۇرىيىتى رادىيو-تېلېۋىزىيەسىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادىكى ھەر قايسى پارتىيەلەرگە ئادىل ۋە دوستانە مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ۋە دۆلىتىنىڭ ئىچكى يارىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ، ئەردوغاننىڭ دۆلىتىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە سەزگۈر قارايدىغانلىقىنى تىلغا ئېىلپ، ئۆزىنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ جۇمھۇرىيەت سېرىب جۇمھۇرىيىتى قارمىقىدىكى بانجا لۇكا شەھىرىگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
دودىك يەنە، ئۆزىنىڭ ھەر قانداق ئەھۋالدا سېرىب جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.