مالىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

مالىنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 20 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

1845529
مالىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گاۋ شەھىرىدىن 80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى لمېناس يېزىسىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 20 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ساھېل رايونىغا جايلاشقان «3 دۆلەت چېگراسى» دەپ بىلىنىدىغان بۇركىنا فاسو، مالى ۋە نىگېر، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى  ئەلقائىدەگە قاراشلىق گۇرۇپپىلار ۋە دائېشنىڭ ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

مالىدا 2013 – يىلدىن بۇيان چەت ئەل ھەربىي قىسىملار ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر