كولۇمبىيەدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ غالىبى گۇستاۋ پېترو بولدى

كولۇمبىيەدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا گۇستاۋ پېترو غەلىبە قىلدى.

1845548
كولۇمبىيەدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ غالىبى گۇستاۋ پېترو بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سايلامنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا بېلەت ساندۇقى 99.88% ئېچىلغاندىن كېيىنكى نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، تارىخ شەرتنامىسى بىرلەشمىسىنىڭ سول قانات كاندىداتى پېترو %50.46 ئاۋازغا ئېرىشىپ كولۇمبىيەنىڭ 60 - نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىجرائىيە بىرلەشمىسىنىڭ كاندىداتى رودولفو ھېرناندېز %47.28 ئاۋازغا ئېرىشىپ پېترونىڭ ئارقىسىدا قالغان.

بېلەت تاشلاش نىسبىتى %58.6 بولغان  ۋە 22 مىليوندىن ئارتۇق كولۇمبىيەلىك بېلەت تاشلىغان سايلامدا، 62 ياشلىق پېترو 11 مىليوندىن ئارتۇق بېلەتكە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ مۇستەقىل رەقىبى ھېرناندېز بولسا 10 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق بېلەتكە ئېرىشكەن.

پېترونىڭ مۇئاۋىنى فىرانسىيا ماركۇز، دۆلەت تارىخىدىكى تۇنجى ئايال ئافرو-كولۇمبىيە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بولۈش ئالدىدا تۇرىدۇ.

پېترو 7 - ئاۋغۇستتا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسنى پىرېزىدېنت ئىۋان دۇكتىن ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر