رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ تەبىئىي گاز مۇئەسسەسەسىدە پارتلاش يۈز بەردى

رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە شىركىتى گازپرومغا ئائىت تەبىئىي گاز مۇئەسسەسەسىدە پارتلاش يۈز بەردى.

1844548
رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ تەبىئىي گاز مۇئەسسەسەسىدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ يامالو-نېنېتس ئاپتونوم رايونىدا، يېرىم كېچىدە بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز مۇئەسسەسەسىدە پارتلاش يۈز بەردى.

تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەلىرىنىڭ ئۇلىنىش نۇقتىلىرىدىكى بېسىمنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن پارتلاش نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپىتىگە، گازپرومغا ئائىت تەبىئىي گاز مۇئەسسەسەسىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ۋە رۇسىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقى تارماقلىرى مۇداخىلە قىلدى.

ئوتنىڭ بىر نەچچە سائەتلىك مۇداخىلە نەتىجىسىدە ئۆچۈرۈلۈشىدىن كېيىن، مۇئەسسەسەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى قايتا باشلاندى.

پارتلاش  ۋەقەسى سەۋەبىدىن پىلانلانغان تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش نىشانىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر