رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرى جەريانىدا 313 بالا قازا قىلدى

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 313 بالا قازا قىلدى.

1843540
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرى جەريانىدا 313 بالا قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا باش تەپتىش مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 313 بالىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 579 بالىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇكرائىنا باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەزكۇر باياناتىدا، ئۇكرائىنانىڭ دونېتسىك رايونىدىكى 291، خاركوۋ رايونىدىكى 169، كىيېۋ رايونىدىكى 116، چېرنىخېۋ رايونىدىكى ئالتە، لۇخانسك رايونىدىكى 54، خېرسون رايونىدىكى 52، مىكولايېۋ رايونىدىكى 48، زاپورىجيا رايونىدىكى 30 ۋە سۇمى رايونىدىكى 17 بالىنىڭ ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باش تەپتىش مەھكىمىسى يەنە، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ئۇكرائىنادىكى كەم دېگەندە 1885 مائارىپ ئاپپاراتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى، 194 ىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، بۇلارنىڭ جەزملەشكەن سانلىق مەلۇماتلار ئەمەسلىكى، ۋاقىتلىق ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ئازاد قىلىنغان رايونلاردىكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ  ئورۇن بېرىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر