ئىران-ئىراق ئۇرۇشىدىن قالغان مىنانىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 1 كىشى قازا قىلدى
ئىراننىڭ غەربىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىگە قاراشلىق سەردەشت يېزىسى ئەتراپىدا ئىران-ئىراق ئۇرۇشىدىن قالغان مىنانىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە، چېگرا قوماندانلىق ئىشتابىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر خادىم جېنىدىن ئايرىلدى.
1843234
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى <IRNA> نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەردەشت ھاكىمى خۇسروپۇر ئىران-ئىراق ئۇرۇشىدىن قالغان بىرمىنانىڭ پارتلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خۇسروپۇر: «سەردەشت چېگرا قوماندانلىق ئىشتابىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەسئۇل كومىسسار مەھدى بارزەگەر كەچتە چارلاۋاتقان پەيتتە مىنانىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى» دېگەن.
ئىران بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدا 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى باشلانغان ئۇرۇش ھەر ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ 598-نومۇرلۇق قارارى بىلەن 1988-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاخىرلاشقان ئىدى.
ئۇرۇش يىللىرىدا چېگرالارغا كۆمۈلگەن مىنالار ھەر ئىككى دۆلەتتىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ياكى يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.