گېرمانىيەدە پوپلارنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان ئۆسمۈرلەر سانى 6000 دىن ئاشىدۇ

گېرمانىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا، 1945-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا مۇنستېر پوپلىرى تەرىپىدىن جىنسىي سۇيىئىستېمالغا ئۇچرىغان كىچىك بالىلار سانىنىڭ 6000 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1842981
گېرمانىيەدە پوپلارنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان ئۆسمۈرلەر سانى 6000 دىن ئاشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چېركاۋدىكى جىنسىي جىنسىي سۇيىئىستېمال ۋە باسقۇنچىلىق ۋەقەلىرى مۇنستېر ئۇنۋېرسىتىتىدىكى 5 تارىخشۇناسنىڭ بۇ تېمىنى 2 يىللىق تەتقىق قىلىشى نەتىجىسىدە ئاشكارىلاندى.

دوكلاتتا، 1945-يىلدىن بۇيان 600 دىن ئارتۇق قۇرامىغا يەتمىگەن كىچىك بالىلارنىڭ كۆپىنچى پوپلاردىن تەركىپ تاپقان چېركاۋ خادىملىرى تەرىپىدىن جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچرىغانلىقى، ئېنىقلانمىغان دېلولاردا قوشقاندا بۇ ساننىڭ تەخمىنەن 1000 دىن ئاشىدىغانلىقى، جىنسىي باسقۇنچىلىق دېلولىرى بۇ سانغا كىرگۈزۈلگەندە، بۇ ساننىڭ 6000 دىن ئاشىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

دوكلاتتا، جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچرىغان كىچىك بالىلارنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنىڭ ئوغۇللار ئىكەنلىكى، بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆسمۈرلەر لاگېرىدىكى ياكى ئۆسمۈرلەر توپىغا قاتنىاشقانلار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا يەنە، جىنسىي زوراۋانلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن پوپلار سانىنىڭ 200 دىن ئاشىدىغانلىقى، ئۇلاردىن 50 نەپىرىنىڭ ھايات ئىكەنلىكى، جىنسىي زوراۋانلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان پوپلارنىڭ بولسا،  چېركاۋ باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن باشقا رايونلارغا ئەۋەتىلىش قاتارلىق يېنىك جازالار بىلەن ۋەقەلەر يوشۇرۇنۇپ قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

دوكلاتتا مۇنستېردىكى ھازىرقى ئېپىسكوپ (پوپلار بىرلەشمىسى)  باش پوپى فېلىكس گېننىڭمۇ ۋەزىپىگە تەينلەنگەن دەسلەپكى يىللاردا جىنسىي زوراۋانلىق جىنايىتى سادىر قىلغان ۋە كىين پۇشايمانلىقىنى بىلدۈرگەن 2 پوپنى رىمغا دوكلات قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەنلىكى، گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ پوپلىرىدىن بىرسى بولغان كولىندىكى كاردىنال راينېر ۋېلكىنىڭمۇ بىر باشقۇنچىلىق دوكلاتىنى يوشۇرغانلىقى ئاشكارلانغانلىقى قايت قىلىندى.

مونستېر ئېپىسكوپى (پوپلار بىرلەشمىسى) دە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ئاشكارىلاش تېلېفون لىنىيەسى قۇرۇلغانلىقى، دوكلاتنىڭ تەپسىلاتلىرىنىڭ پات ئارىدا كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر