ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن: ئۇكرائىنانى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىمىز

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن ئۇكرائىنانى قايتىدىن بىنا قىلىدىغانلىقلىرىنى، بۇنى قىلىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكلىرىنى ۋە قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1840907
ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن: ئۇكرائىنانى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئىتالىيە پايتەختى رىمدا، ماكسى (Maxxi) زامانىۋى سەنئەت مۇزېيىدا بىر پائالىيەتكە قاتناشتى.

ئۇ: «مارىيۇپول شەھەر باشلىقى ۋە ئۇكرائىنالىق مىمارلار بىلەن كۆرۈشىمىز. ئۇكرائىنانى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىمىز، بۇنى قىلىشقا مەجبۇرمىز ۋە قىلىمىز. چۈنكى بۇ بىزنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىمىز» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنانى يېڭىدىن قۇرۇشنىڭ، ھاياتلىق ساھەلىرىدە ياۋروپا يېشىل كېلىشىمىنى ئاساس قىلغان «يېڭى ياۋروپا باۋخاۋۇس» روھىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئېنېرگيە مەنبەلىرى ئۈستىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «رۇسىيە ئىقتىسادى گاز، نېفىت ۋە كۆمۈرگە تايىنىدۇ. بىزمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن زور نىسبەتتە تايىنىمىز. بۇ قورقۇنچلىق ئۇرۇش سەۋەبىدىن بېقىندىلىقىمىزنى ئازايتىشنى قارار قىلدۇق. ئەمدى بىز چوقۇم ئىلگىرىلىشىمىز، يېڭى تەمىنلىگۈچىلەرگە قاراپ قالماسلىقىمىز ۋە قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئېنېرگىيەگە يۈزلىنىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، رىم شەھەر باشلىقى روبېرتو گۇالتىيېرى (Roberto Gualtieri) بىلەن تارىخىي شەھەرلىك بىنادا كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر