مېكسىكادا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى
مېكسىكانىڭ ئوكساكا ئىشتاتىدا 29-مايدىن باشلاپ تالاپەت يەتكۈزۈۋاتقان «ئاگاتا» ناملىق بوران - چاپقۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن 19 ئادەم قازا قىلدى.
1840898
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكساكا ۋالىيسى ئالېجاندرو مۇرات، بوران - چاپقۇن ئاپىتى داۋامىدا يوقاپ كەتكەنلەر ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەنە 9 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى، يوقاپ كەتكەن 6 كىشىنىڭ تېپىلىشى ئۈچۈن ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇنىڭ بىلەن، «ئاگاتا» ناملىق بوران - چاپقۇن ئاپىتى مېكسىكا دېڭىز ساھىللىرىغا تالاپەت يەتكۈزگەندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 19 غا يەتتى.
بۇ ئارىلىقتا، دۆلەتلىك پۇقراۋى قوغدىنىش ئىشلىرى ئورگىنى، بوران - چاپقۇن ئاپىتى ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن ئوكساكا ئىشتاتىغا قاراشلىق 25 يېزىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنىش قارارنامىسىنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى بىلدۈردى.