فىنلاندىيە، فىنلاندىيە - رۇسىيە چېگراسىغا تىكەنلىك سىم تور ئورنىتىشقا تەييارلانماقتا

فىنلاندىيە، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش سەۋەبىدىن فىنلاندىيە - رۇسىيە چېگراسىغا تىكەنلىك سىم تور ئورنىتىشنى قارار قىلدى.

1841357
فىنلاندىيە، فىنلاندىيە - رۇسىيە چېگراسىغا تىكەنلىك سىم تور ئورنىتىشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «CMS ۋاقتى» گېزىتى، فىنلاندىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بايانات بېرىپ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ پەيدا قىلغۇسى يوشۇرۇن تەھدىتلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، رۇسىيە چېگراسىدىكى بىخەتەرلىكنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

موسكۋانىڭ كۆچمەنلەردىن سىياسىي بېسىم ئېلېمىنتى سۈپىتىدە پايدىلىنىشىدىن ئەنسىرىگەن خېلسىنكى، رۇسىيە بىلەن بولغان 1300 كىلومېتىرلىق شەرقىي چېگراسىغا تېخىمۇ مۇستەھكەم تىكەنلىك سىملارنى ئورنىتىشنىڭ يولىنى ئاچىدىغان قانۇنىي ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بېرىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلماقتا.

نۆۋەتتە فىنلاندىيە چېگراسىدىكى ياغاچ رېشاتكىلار ئارقىلىق ھايۋانلارنىڭ خاتا تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، تىكەنلىك سىم ئورنىتىشقا دائىر قانۇننىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چىقىرىلىپ ئىجرا قىلىنىشى پىلانلانماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر