ئاۋسترىيەدە بىر جامەنىڭ تېمىغا ئىسلامغا قارشى يازمىلار يېزىلدى

ئاۋسترىيەدىكى بىر جامەنىڭ سىرتقى تېمىغا ئىرقچى ۋە ئىسلامغا قارشى يازمىلار يېزىلدى.

1839006
ئاۋسترىيەدە بىر جامەنىڭ تېمىغا ئىسلامغا قارشى يازمىلار يېزىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۆۋەنكى ئاۋىستىرىيە ئۆلكىسىگە قاراشلىق سوللېناۋدىكى يېشىل جامە مەسئۇللىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەتىگەندە كىملىكى نامەلۇم بىر كىشىنىڭ جامە جايلاشقان يەرگە رۇخسەتسىز كىرىپ، سىرتقى تاملارغا ئىسلامغا قارشى ۋە ئىرقچى سۆزلەرنى يازغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئىسلامغا قارشى ھۇجۇمنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئەيىبلەنگەنلىكى ۋە بۇ ھۇجۇمنىڭ دۆلەتتىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا شۇنداقلا دىنى ئەركىنلىككە قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

تۈركىيەنىڭ ۋىيېننادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوزان جەيھۇنمۇ بۇ ھۇجۇمنى ئەڭ كۈچلۈك ئەيىبلىگەنلىكلىرىنى تىلغا ئېلىپ، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ۋەقەنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ھەمبەھىرلىدى.

باش ئەلچى جەيھۇن دائىرىلەرنىڭ ھۇجۇم قىلغۇچىنى بالدۇرراق تۇتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۈمىت قىلىمەنكى، بۇ ۋەقە ئاۋسترىيەنىڭ ئىجتىمائىي تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئىرقچىلىق ھۇجۇمى بولۇپ قالغاي» دېدى.

تۈركىيەنىڭ ۋىيېننادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جەفەر ئۆزمەرت بولسا، جامە جەمئىيىتىدىن ھال سوراپ ئۇلارنى زىيارەت قىلدى ۋە ھۇجۇمغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەردە بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر