ئۇكرائىنا ئاشلىق ئېكسپورتى ئۈچۈن كاپالەت تەلەپ قىلغان

ئۇكرائىنانىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى سېرگىي كيسليتسيا قارادېڭىزدىكى مېنالارنىڭ تازىلىنىشى ۋە ئاشلىق ئېكسپورتى ئۈچۈن «بىخەتەرلىك كاپالىتى» تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1838925
ئۇكرائىنا ئاشلىق ئېكسپورتى ئۈچۈن كاپالەت تەلەپ قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى سېرگىي كيسليتسيا ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى ئېكسپورت قىلىش مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرەلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن «بىخەتەرلىك كاپالىتى» غا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ رۇسىيە قارادېڭىزدىكى مېنالارنى تازىلىغاندىن كېيىن ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلماسلىق توغرىسىدا كاپالەت بېرىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

دۇنياۋى ئاشلىق كىرىزىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇكرائىنا پورتلىرىدا بېسىلىپ قالغان ئاشلىقلارنى قارادېڭىزدىكى مېنالارنى تازىلاش ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرەلەر داۋاملاشماقتا.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئاشلىق ئېكسپورتى مۇزاكىرەلىرىنىڭ ب د ت دىن باشقا، بالتىق دۆلەتلىرى ۋە پولشا بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بىراق قاتناش يولىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى سەۋەبىدىن بۇ پىلاننىڭ ئالدىنقى ئورۇندا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ ئودېسا پورتلىرى ئارقىلىق ھەر ئايدا 10 مىليون توننا ئاشلىق ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھازىر 22 مىليون توننىدىن 25 مىليون توننىغىچە ئاشلىق بېسىلىپ قالدى. كۈز پەسلىدە بۇ سان 75 مىليون توننىغا چىقىشى مۇمكىن. قانداق قىلىمىز؟ پورتتىن باشقا يول بىلەن ئېكسپورت قىلالمايمىز» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر