گېرمانىيە ئۇكرائىنانى داۋاملىق قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەيدۇ

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ئۇكرائىنانى داۋاملىق قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1839206
گېرمانىيە ئۇكرائىنانى داۋاملىق قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز لىتۋانىيە پايتەختى ۋىلنيۇستا، لىتۋانىيە، ئېستونىيە ۋە لاتۋىيەنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

تۆت تەرەپ ئۇچرىشىشىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسى بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، رۇسىيەنىڭ سىياسەتلىرى، 24-فېۋرالدىن (2022) تارتىپ داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى ۋە ناتونىڭ شەرقىي قانىتىنىڭ قوغدىلىشى قاتارلىق تېمىلار بولدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز كۆرۈشۈشتىن كېيىن، لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى گىتاناس ناۋسېدا، ئېستونىيە باش مىنىستىرى كادا كاللاس ۋە لاتۋىيە باش مىنىستىرى كرىسژانىس كارىس قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى ئۈستىدە توختالغاندا: «ئۇكرائىنانى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياكى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىن چىقىپ كېتىشىنىڭ، پەقەت ئېمبارگولار ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر