مالىدا قىزىل كىرېسىت  جەمئىيىتىنىڭ 2 خادىمى ئۆلتۈرۈلدى

مالىنىڭ غەربىي قىسمىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قىزىل كىرېسىت  جەمئىيىتىنىڭ 2 خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1837344
مالىدا قىزىل كىرېسىت  جەمئىيىتىنىڭ 2 خادىمى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالى قىزىل كىرېسىت  جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كايېس رايونىدا،  قىزىل كىرېسىت  جەمئىيىتى ئەترىتى ئولتۇرغان ئاپتوموبىل نامەلۇم قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

تېررورلۇق ھۇجۇمىدا، 4 كىشى بار ئاپتوموبىلدا گوللاندىيە قىزىل كىرېسىت  جەمئىيىتى خادىمى بىلەن شوپۇر ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ساھېل رايونىدىكى «3 دۆلەت چېگراسى» دەپ ئاتالغان بۇركىنا فاسو، مالى ۋە نىگېر، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدەگە قاراشلىق گۇرۇپپىلار ۋە دائېشنىڭ ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

2013-يىلدىن باشلاپ مالىدا تۇرۇشلۇق چەت ئەل ھەربىي خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر