زېلېنىسكىي رۇسىيەنىڭ 200 مىڭ بالىنى تۇتقۇن قىلىپ قاچۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ 200 مىڭدىن ئارتۇق ئۇكرائىنالىق بالىنى تۇتقۇن قىلىپ قاچۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1836734
زېلېنىسكىي رۇسىيەنىڭ 200 مىڭ بالىنى تۇتقۇن قىلىپ قاچۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ 24 – فېۋرال ئۇكرائىناغا قارشى ئاچقان ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە،  ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي يېڭى بىر بايانات ئېلان قىلىپ: «رۇسىيە چوڭلارنى ۋە بالىلارنى مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ رۇسىيەنىڭ ئەڭ قەبىھ ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ بىرى. رۇسىيە ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ يېتىم – يېسىرلار ساناتورىيەلىرىدە تۇرۇۋاتقان 200 مىڭدىن ئارتۇق ئۇكرائىنالىق بالىنى تۇتقۇن قىلىپ قاچۇردى» دېدى.

ۋىلادىمىر زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بۇ بالىلارنى يۇرت – ماكانلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ، يىراق رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بۇ جىنايەت سىياسىتىنىڭ مەقسىتى كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ قاچۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا ئۇكرائىنانى ئۇنۇتتۇرۇپ، قايتىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

زېلېنسكىي، «تاجاۋۇزچىلارنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە، ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 689 بالا يارىلاندى. بۇ پەقەت بىزنىڭ ئېنىقلىيالىغانلىرىمىز. ھازىرچە قولىمىزدا ئىشغال قىلىنغان رايونلاردىن كەلگەن بارلىق  مەلۇماتلار يوق» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر