مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى 30 دۆلەتتە 550 كىشىگە يۇققان

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىنقى ھەپتىلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەردە تارقىلىۋاتقان مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىنىڭ، 30 دۆلەتتە 550 كىشىگە يۇققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1836775
مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى 30 دۆلەتتە 550 كىشىگە يۇققان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى تېدروس ئادخانوم غېبرېيېسۇس (TedrosAdhanomGhebreyesus) جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، 30 دۆلەتتىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا دوكلات قىلىنغان مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك  550 ۋەقەنى توغرىلىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «تەكشۈرۈشلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئەمما ۋىرۇسنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن دۆلەتتە بايقىلىشى، بايقالمىغان يۇقۇملاردىن بېشارەت بېرىدۇ» دېدى.

ئۇ مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ پەرەز قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە، ۋىرۇسنىڭ يۇقۇش خەتىرى ئەڭ يۇقىرى بولغان گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنى توغرا مەلۇماتقا ئىگە قىلىشنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ۋىرۇس تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، ۋىرۇسقا قارشى ئالدىنقى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان سەھىيە خادىملىرىنى قوغداشنى ۋە ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چاقىرىق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر