ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى: پ ك ك نىڭ ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ دوھۇققا قاراشلىق ئامەدى ناھىيەسىگە قىلغان راكېتامىيوت ھۇجۇمىدا 2 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1833436
ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى: پ ك ك نىڭ ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ئورگىنىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى فەيسبوك سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «پ ك ك تېررورچىلىرى، ئامەدىگە قاراشلىق ئېرېدنا يېزىسىغا 2 راكېتامىيوت ھۇجۇمى ئېلىپ باردى. ھۇجۇمدا 2 پۇقرا شېھىت بولدى، 2 كىشى يارىلاندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر