ئىراندا 10 قەۋەتلىك بىر بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 18 گە يەتتى

ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئابادان شەھىرىدە 23 - مايدا 10 قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 18 گە يەتتى.

1832752
ئىراندا 10 قەۋەتلىك بىر بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 18 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى (ISNA) نىڭ بىلدۈرىشىچە، ئابادان ۋالىيسى ئېھسان ئابباسىپۇر بىنا خارابىلىقى ئاستىدىن ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئابادان ۋالىيسى ئېھسان ئابباسىپۇر، «ئاباداندا بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 18 گە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 37 گە يەتتى» دېگەن.

ئاباداننىڭ تەھلەنجى ئەمىرى رايونىدا سېلىنىۋاتقان 10 قەۋەتلىك «ئابادان چوڭ شەھەر سودا مەركىزى» ناملىق بىنا 23 - ماي دۈشەنبە كۈنى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئىدى.

خۇزىستان باش مۇپەتتىشى سادىق جافېرى چەگەنى تەكشۈرۈش دائىرىسىدە، ئابىداننىڭ ھازىرقى ۋە سابىق ئىككى شەھەر باشلىقى بىلەن بىنانىڭ تەكشۈرگۈچىلىرى بولۇپ، جەمئىي 10 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بىنا خارابىلىقىنىڭ ئاستىدا ھازىرمۇ تەخمىنەن 50 كىشىنىڭ بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر